
			
======================================================================
LibreOffice 3.3 ReadMe
======================================================================

ئەڭ يېڭى تونۇشتۇرۇش ھۆججىتىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز، http://www.libreoffice.org/welcome/readme.html نى كۆرۈڭ 

بۇ ھۆججەت LibreOffice يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى مۇھىم ئۇچۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئورنىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

LibreOffice جامائىتى بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئىجادىيىتىگە مەسئۇل بولۇپ، سىزنىڭمۇ مەھەللىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە قاتنىشىڭىزنى تەكلىپ قىلىدۇ. ئەگەر سىز يېڭى ئىشلەتكۈچى بولسىڭىز، LibreOffice بېكەتنى زىيارەت قىلىڭ، سىز ئۇ يەردىن LibreOffice تۈرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىگە ئائىت نۇرغۇن ئۇچۇرلارغا ئېرىشەلەيسىز. http://www.libreoffice.org/ زىيارەت قىلىڭ.
			
LibreOffice راستىنلا ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىزمۇ؟ 
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice ھەممە ئىشلەتكۈچىگە نىسبەتەن ھەقسىز. سىز LibreOffice نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز، ئۇنى خالىغان كومپيۇتېرغا ئورناتسىڭىز ھەمدە ئېھتىياجلىق ھەر قانداق ساھە (سودا، ھۆكۈمەت، ئاممىۋى باشقۇرۇش ۋە مائارىپ ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)گە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋالنى LibreOffice نى چۈشۈرگەن ئىجازەت كېلىشىم مەزمۇنىدىن كۆرۈڭ.
			
LibreOffice نېمە ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشلەتكۈچىگە ھەقسىز؟
----------------------------------------------------------------------

ھازىر LibreOffice نىڭ كۆپەيتمە نۇسخىسىنى ھەقسىز ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. بۇنى شەخسىي تۆھپىكارلار ۋە مەھەللىدىكى تەشەببۇس قىلغۇچىلار لايىھەلەپ، ئېچىپ، سىناپ، تەرجىمە قىلىپ، باھالاپ، قوللاپ، كېڭەيتىپ شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئۇسۇللار ئارقىلىق ياردەم بېرىپ LibreOffice نى بۈگۈنكى كۈندىكى - دۇنيادىكى ئەڭ ئاساسلىق مەنبە كودى ئاشكارا ئىشخانا يۇمشاق دېتالىغا ئايلاندۇرغان.

ئەگەر سىز ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرمەكچى ھەمدە LibreOffice تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلسىڭىز، بۇ قۇرۇلۇشقا ئازراق تۆھپە قوشماقچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى بەتنى زىيارەت قىلىڭ. http://www.documentfoundation.org/contribution/. ھەر قانداق كىشى مەلۇم تەرەپتىن تۆھپە قوشالايدۇ.
			
----------------------------------------------------------------------
قاچىلاشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
----------------------------------------------------------------------
			
سىستېما تەلىپى
----------------------------------------------------------------------

ئادەتتە مۇئەييەن لىنۇكىس تارقىتىش نەشرى تەۋسىيە قىلغان ئورنىتىش ئۇسۇلى(مەسىلەن ئۇبۇنتۇ لىنۇكىسنىڭ ئۇبۇنتۇ يۇمشاق دېتال مەركىزى) دا LibreOffice نى ئورنىتىشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ خىل ئۇسۇلدا ئورنىتىشقا ئېرىشىش ئەڭ ئاسان ھەمدە سىستېما بىلەن توپلاشتۇرۇلۇش دەرىجىسى ئەڭ ياخشى. LibreOffice بەلكىم لىنۇكىس مەشغۇلات سىستېمىسىنى ئورناتقاندا بىللە ئورنىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.

مەزكۇر LibreOffice مۇستەقىل ئورنىتىش بوغچىسى ئالدىن كۆزىتىدىغان، ئالاھىدە ئېھتىياجى بار ياكى ئىشلىتىش ئورنى ئالاھىدە بولغان ئىشلەتكۈچىلەرگە تەمىنلىنىدۇ.

* Linux يادروسىنىڭ 2.6.18 نەشرى ياكى يۇقىرى نەشرى
* glibc2  2.5 ياكى يۇقىرى نەشرى؛
* gtk 2.10.4 ياكى يۇقىرى نەشرى؛
* Pentium ماسلىشىدىغان يەككە كىشىلىك كومپيۇتېر(Pentium III ياكى Athlon تەۋسىيە قىلىنىدۇ)؛
* 256MB RAM (512MB RAM تەۋسىيە)
* 1.55GB دىن يۇقىرى ئىشلىتىلىشچان دىسكا بوشلۇقى
* 1024x768 پەرق ئېتىش نىسبىتىگە ئىگە X مۇلازىمېتىر (تېخىمۇ يۇقىرى پەرق ئېتىش نىسبىتى ئىشلىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ)، ئاز دېگەندە 256 خىل رەڭ بولۇشى لازىم؛
* gail 1.8.6 ۋە at-spi 1.7 پروگرامما بوغچىسىغا ئىگە Gnome 2.16 ياكى يۇقىرى نەشرى،  قوشۇمچە تېخنىكا قورالى (AT tools)قوللاشقا ئىشلىتىلىدۇ، ياكى باشقا قوللاشچان GUI گىرافىكلىق ئىشلەتكۈچى ئارايۈزى (KDE ۋە باشقىلارغا ئوخشاش)

لىنۇكىس تارقىتىش نەشرى بەك كۆپ بولۇپ، ئوخشاش بىر لىنۇكىس تارقاتقۇچىنىڭ تارقاتقان نەشرىنىڭ ئورنىتىش تاللانمىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس(KDE، Gnome قاتارلىق). بەزى تارقىتىش نەشرى ئۆزىنىڭ «ئەسلى» LibreOffice نەشرىنى تەمىنلەيدۇ، بۇ مەھەللە تەمىنلىگەن LibreOffice بىلەن روشەن پەرقلىنىدۇ. كۆپ ھاللاردا ئەسلى نەشرى بىلەن مەھەللە تەمىنلىگەن LibreOffice نەشرىنى بىرلا ۋاقىتتا ئورناتقىلى بولىدۇ. ئەمما سىز ئەسلى نەشرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن مەھەللە نەشرىنى ئورنىتىشنى خالىشىڭىز مۇمكىن. قانداق مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدىكى تەپسىلاتنى مۇئەييەن لىنۇكىس تارقاتقۇچىنىڭ ئىشلەتكۈچى ياردەم مەنبەسىدىن پايدىلىنىڭ.

يۇمشاق دېتال ئۆچۈرۈش ياكى ئورنىتىشتىن ئىلگىرى سىستېمىنى زاپاسلىۋېلىشنى ياخشى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

سىستېمىنىڭ ۋاقىتلىق مۇندەرىجىسىدە يېتەرلىك بوشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ، ھەمدە ئوقۇش، يېزىش ۋە ئىجرا قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ. ئورنىتىش جەريانىنى باشلاشتىن ئىلگىرى باشقا ھەممە پروگراممىلارنى تاقاڭ.
			
Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى لىنۇكىس سىستېمىسىغا LibreOffice ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

ئەگەر LibreOffice نىڭ كونا نەشرىنى ئورناتقان بولسىڭىز، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرالايسىز. قانداق ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تۆۋەندىكى LibreOffice نىڭ كونا نەشرىنى ئۆچۈرۈش دېگەن ماۋزۇدىكى ئابزاستىن كۆرۈڭ. تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىشنى (ئامېرىكا ئىنگلىزچە ${PRODUCTNAME نى ئورناتقاندىن كېيىن) تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش دېگەن ماۋزۇدىكى بۆلەكنى كۆرۈڭ.

چۈشۈرگەن پرېس بوغچىسىنى يەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىر تارماق قىسقۇچقا يېشىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. ھۆججەت باشقۇرغۇچ كۆزنەكنى ئېچىپ، قىسقۇچنى "LibO_"بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرىغا نەشر نومۇرى ۋە سۇپا ئۇچۇرى ئەگەشكەن قىسقۇچقا ئالماشتۇرۇڭ.

بۇ مۇندەرىجە "DEBS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "DEBS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

sudo dpkg -i *.deb

ئۈستىدىكى dpkg بۇيرۇقى ئورنىتىشنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى تاماملىدى. ئورنىتىشنى تاماملاشتا، ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئورنىتىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن قىسقۇچنى "DEBS" دىكى "desktop-integration" غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىڭ:

cd desktop-integration

ھازىر dpkg بۇيرۇقىنى قايتا ئىجرا قىلىڭ:

sudo dpkg -i *.deb

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.
			
Fedora، Suse، Mandriva ۋە باشقا RPM بوغچىسى ئىشلىتىدىغان لىنۇكىس سىستېمىسىغا LibreOffice ئورنىتىش
----------------------------------------------------------------------

ئەگەر LibreOffice نىڭ كونا نەشرىنى ئورناتقان بولسىڭىز، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ئاندىن داۋاملاشتۇرالايسىز. قانداق ئۆچۈرۈۋېتىشنىڭ چۈشەندۈرۈشىنى تۆۋەندىكى LibreOffice نىڭ كونا نەشرىنى ئۆچۈرۈش دېگەن ماۋزۇدىكى ئابزاستىن كۆرۈڭ. تىل بوغچىسىنى قانداق ئورنىتىشنى (ئامېرىكا ئىنگلىزچە ${PRODUCTNAME نى ئورناتقاندىن كېيىن) تۆۋەندىكى تىل بوغچىسى ئورنىتىش دېگەن ماۋزۇدىكى بۆلەكنى كۆرۈڭ.

چۈشۈرگەن پرېس بوغچىسىنى يەشكەندىن كېيىن ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ بىر تارماق قىسقۇچقا يېشىلگەنلىكىنى كۆرىسىز. ھۆججەت باشقۇرغۇچ كۆزنەكنى ئېچىپ، قىسقۇچنى "LibO_"بىلەن باشلىنىپ، ئاخىرىغا نەشر نومۇرى ۋە سۇپا ئۇچۇرى ئەگەشكەن قىسقۇچقا ئالماشتۇرۇڭ.

بۇ مۇندەرىجە "RPMS" ئاتلىق تارماق مۇندەرىجىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇندەرىجىنى "RPMS" غا ئۆزگەرتىڭ.

قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنال كۆزنىكىدىن بىرى ئېچىلىدۇ. تېرمىنال كۆزنەكتىكى بۇيرۇق قۇرىغا تۆۋەندىكى بۇيرۇق(بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

Fedora ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: su -c 'yum install *.rpm'

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن (Suse قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

ئۈستىدىكى بۇيرۇق ئورنىتىشنىڭ بىرىنچى بۆلىكىنى تاماملىدى. ئورنىتىشنى تاماملاشتا، ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى ئورنىتىشىڭىز زۆرۈر. بۇنداق قىلىش ئۈچۈن قىسقۇچنى "RPMS" دىكى "desktop-integration" غا ئۆزگەرتىپ ئاندىن تۆۋەندىكى بۇيرۇقنى ئىشلىتىڭ:

cd desktop-integration

ھازىر ئورنىتىش بۇيرۇقىنى قايتا ئىجرا قىلىڭ:

Fedora ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: su -c 'yum install *redhat*.rpm'

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *mandriva*.rpm

باشقا RPM ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن(Suse قاتارلىق.): rpm -Uvh *suse*.rpm

ئورنىتىش جەريانى تاماملاندى، LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىنىڭ سىنبەلگىسى ئۈستەلئۈستىدىكى پروگراممىلار/ئىشخانا تىزىملىكىدە.
			
ئۈستىدە تىلغا ئېلىنمىغان لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش ھەققىدە
----------------------------------------------------------------------

مەزكۇر ئورنىتىش چۈشەندۈرۈشىدە باشقا لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە LibreOffice نى ئورنىتىش ئاسان بولغاچقا ئالاھىدە تىلغا ئېلىنمىدى. ئاساسلىق يولۇقىدىغان ئوخشىماسلىق ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش.

ئۈستەلئۈستى توپلاشتۇرۇش مۇندەرىجىسىدە يەنە libreoffice3.3-freedesktop-menus-3.3.1.noarch.rpm (ياكى باشقا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىسىم) ئاتلىق يۇمشاق دېتال بوغچىسى بار. بۇ يۇمشاق دېتال بوغچىسىنى Freedesktop.org ئۆلچەم/تەۋسىيە (http://en.wikipedia.org/wiki/Freedesktop.org)سىنى قوللايدىغان لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىنىڭ ئىشلىتىشى ئۈچۈن تەمىنلىنىدۇ، ئالدىنقى ئابزاستا قەيت قىلىنغان باشقا لىنۇكىس تارقىتىش نەشرىدە ئورنىتىشقىمۇ بولىدۇ.
			
تىل بوغچىسىدىن بىرنى ئورنىتىۋاتىدۇ
----------------------------------------------------------------------

ئۆزىڭىزگە ماس كېلىدىغان تىل ۋە سۇپىدىكى تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈڭ. ئاساسىي ئورنىتىش بوغچىسى بىلەن ئوخشاش جايغا ساقلاڭ. Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچ ئارقىلىق چۈشۈرگەن بوغچىنى مۇندەرىجە(مەسىلەن، ئۈستەلئۈستى)گە يېشىڭ. بارلىق LibreOffice قوللىنىشچان پروگرامما(تېز قوزغاتقۇچ، ئەگەر قوزغىتىلغان بولسا)دىن چېكىنگەنلىكىڭىزنى جەزملەڭ.

مۇندەرىجىنى سىز تىل بوغچىسىنى چۈشۈرۈپ يەشكەن مۇندەرىجىگە ئۆزگەرتىڭ.

ھازىر مۇندەرىجىنى پرېسنى يەشكەندە قۇرغان مۇندەرىجىگە ئۆزگەرتىڭ. مەسىلەن، 32 بىتلىق Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېمىدىكى فىرانسۇزچە تىل بوغچىسىنىڭ مۇندەرىجە ئىسمى LibO_ غا نەشر ئۇچۇرىنى قۇشۇپ يەنە Linux_x86_langpack-deb_fr قوشۇلىدۇ.

ھازىر مۇندەرىجىنى ئورنىتىدىغان بوغچا بار مۇندەرىجىگە ئۆزگەرتىڭ. Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېمىدا DEBS مۇندەرىجىدە. Fedora، Suse ياكى Mandriva سىستېمىسىدا RPMS مۇندەرىجىدە بولىدۇ.

Nautilus ھۆججەت باشقۇرغۇچتا، قىسقۇچنى چاشقىنەكتە ئوڭ چېكىپ «تېرمىنالغا ئاچ»نى تاللاڭ. تېرمىنالدا ئېچىلغان كۆزنەكتە تىل بوغچىسى ئورنىتىدىغان بۇيرۇق(تۆۋەندىكى بۇيرۇقنىڭ ھەممىسى، بۇيرۇق ئىجرا قىلىنىشتىن ئىلگىرى root باشقۇرغۇچى ئىمنى كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن)نى كىرگۈزۈڭ:

Debian/Ubuntu ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo dpkg -i *.deb

Fedora ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: su -c 'yum install *.rpm'

Mandriva ئاساسىدىكى سىستېما ئۈچۈن: sudo urpmi *.rpm

باشقا RPM ئىشلىتىدىغان سىستېما ئۈچۈن (Suse قاتارلىقلار.): rpm -Uvh *.rpm

ھازىر LibreOffice قوللىنىشچان پروگراممىدىن بىرنى قوزغىتىڭ، مەسىلەن Writer. قورال تىزىملىكىدىن تاللانمانى تاللاڭ. تاللانما سۆزلەشكۈدە «تىل تەڭشەك»نى چېكىپ ئاندىن «تىل»نى چېكىڭ. «ئىشلەتكۈچى ئارايۈزى» ئاسما تىزىملىكتىن بايا ئورناتقان تىلنى تاللاڭ. ئەگەر خاھلىسىڭىز، «يەرلىك تىل تەڭشەك»، «كۆڭۈلدىكى پۇل»، «كۆڭۈلدىكى پۈتۈك تىلى» دىنمۇ ئوخشاش مەشغۇلاتنى ئىجرا قىلىڭ.

بۇ تەڭشەكلەرنى تەڭشىگەندىن كېيىن «جەزملە»نى چېكىڭ. سۆزلەشكۈ يېپىلىدۇ. بۇ چاغدا سىزنىڭ ئۆزگەتىشىڭىزنىڭ LibreOffice دىن چېكىنىپ، قايتا قوزغاتقاندىن كېيىن كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدىغان ئۇچۇردىن بىرنى تاپشۇرۇۋالىسىز.(شۇ ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئەگەر تېز قوزغىتىشنى قوزغاتقان بولسىڭىز ئۇنىڭدىنمۇ چىكىنىشىڭىز لازىم.)

LibreOffice نى كېيىنكى قېتىم قوزغاتقىنىڭىزدا، سىز ھازىر ئورناتقان تىلدا قوزغىلىدۇ.
			
----------------------------------------------------------------------
پروگرامما قوزغالغاندا كاشىلا كۆرۈلدى
----------------------------------------------------------------------

كۆرسىتىش كارتا قوزغىتىش پروگراممىسى دائىم LibreOffice نىڭ قوزغىتىش كاشىلىسى (مەسىلەن، قوللىنىشچان پروگرامما ئېسىپ قويۇش) ۋە ئېكراندا كۆرسىتىش مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق مەسىلە كۆرۈلسە، كۆرسىتىش كارتىڭىزنىڭ قوزغىتىش پروگراممىسىنى يېڭىلاڭ ياكى مەشغۇلات سىستېمىسى تەمىنلىگەن كۆرسىتىش قوزغاتقۇچ پروگراممىسىنى ئىشلىتىپ سىناپ بېقىڭ. ئەگەر ئۈچ ئۆلچەملىك ئوبيكېتنى كۆرسەتكەندە مەسىلە كۆرۈلسە، «قورال-تاللانما-LibreOffice-كۆرۈنۈش-ئۈچ ئۆلچەملىك كۆرۈنۈش» تىن "OpenGL ئىشلەت" نى چەكلەش ئارقىلىق ھەل قىلىڭ.
			
----------------------------------------------------------------------
تېز كۇنۇپكا
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice دا پەقەت مەشغۇلات سىستېمىسى ئالدىن بېكىتمىگەن تېز كۇنۇپكا (بىرىكمە كۇنۇپكا)نىلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر LibreOffice ياردىمىدە بايان قىلىنغان بەزى بىرىكمە كۇنۇپكىلار LibreOffice نى ئىشلەتكەندە رولى بولمىسا بۇ تېز كۇنۇپكىلارنى مەشغۇلات سىستېمىسى ئىگىلىگەن ئىگىلىمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈڭ. ئەگەر بۇ توقۇنۇشنى يوقاتماقچى بولسىڭىز مەشغۇلات سىستېمىڭىز كۆڭۈلدىكى تېز كۇنۇپكىسىنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. ئۇندىن باشقا، LibreOffice دىكى زور كۆپ قىسىم تېز كۇنۇپكىلارنى قايتا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى LibreOffice ياردىمى ياكى مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ياردەم پۈتۈكىدىن كۆرۈپ پايدىلىنىڭ.
			
----------------------------------------------------------------------
ھۆججەت قۇلۇپلانغان
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice دا كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا ھۆججەت قۇلۇپلاش قوزغىتىلغان. توردا ئىشلىتىدىغان تور ھۆججەت سىستېما كېلىشىمى (NFS)دىكى ,  NFS خېرىدارىدا جەرياننى قۇلۇپلاش چوقۇم ئاكتىپ بولۇشى لازىم. ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلەشتە soffice قوليازمىنى تەھرىرلەپ،  "export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING" قۇرنى "# export SAL_ENABLE_FILE_LOCKING"غا ئۆزگەرتىڭ. ئەگەر ھۆججەت قۇلۇپلاشنى چەكلىسىڭىز،پۈتۈكتىن بىرنى يېزىشتا كىمنىڭ بۇ پۈتۈكنى بىرىنچى بولۇپ ئاچقانلىق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇش: ئەگەر Linux NFS 2.0 دا بىرلا ۋاقىتتا Solaris 2.5.1 ۋە 2.7 ئىشلەتكەن بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارى قوزغىتىلغاندىن كېيىن كاشىلا پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ سىستېما مۇھىتىڭىزدا بۇ پارامېتىرلار بولسا ھۆججەت قۇلۇپلاش ئىقتىدارىنى تاقىۋېتىشىڭىزنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىمىز. بولمىسا Linux كومپيۇتېرىنىڭ NFS قاچىلاش مۇندەرىجىسىدىن ھۆججەت ئاچقاندا، LibreOffice ئاخىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
			
----------------------------------------------------------------------
گىرافىكلىق ئىقتىدار
----------------------------------------------------------------------

كۆڭۈلدىكى ئەھۋالدا LibreOffice سۈرئەتتىن گرافىكلىق كۆرۈنۈشكە مايىلراق. ئەگەر گرافىكلىق كۆرۈنۈشنى ئاستا ھېس قىلسىڭىز، «قورال - تاللانما - LibreOffice - كۆرۈنۈش - ھەرە چىشقا قارشى تۇرۇشنى ئىشلەت»نى تاقىسىڭىز ياردىمى بولۇشى مۇمكىن.
			
----------------------------------------------------------------------
قوشۇمچە ئىقتىدارنىڭ مۇھىم ئەسكەرتىشى
----------------------------------------------------------------------

LibreOffice غا مۇناسىۋەتلىك قوشۇمچە ئىقتىدارغا ئائىت ئۇچۇرنى http://www.libreoffice.org/accessibility/ دىن كۆرۈڭ 
			
----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكۈچى قوللاش
----------------------------------------------------------------------

باش قوللاش بېتى http://www.libreoffice.org/support/ ھەر خىل LibreOffice غا ياردەم بېرەلەيدىغان ئېھتىماللىقلارنى تەمىنلەيدۇ. سىزنىڭ مەسىلىڭىزنىڭ جاۋابى بولۇشى مۇمكىن. http://www.documentfoundation.org/nabble/ مەھەللىنىڭ مۇنبىرىنى چېكىڭ ياكى http://www.libreoffice.org/lists/users/ دىكى 'users@libreoffice.org' ئېلخەت تىزىملىك ئارخىپىنى ئىزدەڭ. ئۇنىڭدىن باشقا سىز مەسىلىنى users@libreoffice.org غا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر مەزكۇر ئېلخەت تىزىملىكى(جاۋابقا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز)گە مۇشتەرى بولماقچى بولسىڭىز، بوش ئېلخەتتىن بىرنى users+subscribe@libreoffice.org غا يوللاڭ.

ئۇنىڭدىن باشقا http://www.libreoffice.org/faq/. دىكى كۆپ ئۇچرايدىغان چىگىش مەسىلىگە جاۋاب ئابزاسىنى كۆرۈڭ.
			
----------------------------------------------------------------------
كەمتۈكلۈك دوكلاتى & مەسىلە
----------------------------------------------------------------------

بىزنىڭ نۆۋەتتە كەمتۈك مەلۇم قىلىش، ئىزلاش ۋە ھەل قىلىش سىستېمىمىز BugZilla بولۇپ، https://bugs.freedesktop.org/ غا جايلاشتۇرۇلغان. بىز بارلىق ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ بەلگىلىك سىستېمىدا كۆرۈلگەن كەمتۈكلەرنى مەلۇم قىلىشىنى قارشى ئالىمىز ھەمدە ئىلھاملاندۇرىمىز.ئۈنۈملۈك كەمتۈكلۈك دوكلاتى ئىشلەتكۈچىلەر جامائىتىنىڭ ئىجاد قىلىنىۋاتقان ۋە ياخشىلىنىۋاتقان LibreOffice ئۈچۈن قوشقان ناھايىتى مۇھىم تۆھپىسىدۇر.
			
----------------------------------------------------------------------
چېتىلىش
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم تۈر تەرەققىياتىغا ئاكتىپ قاتنىشىشىڭىز LibreOffice ئىجتىمائىي رايونىغا كۆپ ياردىمى بار.

بىر ئىشلەتكۈچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز مەزكۇر يۈرۈشلۈك دېتال ئىجادىيىتىدىكى مۇھىم ھالقىلارنىڭ بىرى، بىز سىزنىڭ مەھەللىدە ئۇزۇن مۇددەت تۆھپە قوشۇشىڭىزغا ئىلھام بېرىمىز. قاتنىشىڭ ھەمدە تۆھپىكارلار بېتى http://www.libreoffice.org/contribution/ نى زىيارەت قىلىڭ
			
باشلاش ئۇسۇلى
----------------------------------------------------------------------

تۆھپە قوشۇشنى باشلاشنىڭ ئەڭ ياخشى يولى بىر ياكى بىر قانچە ئېلخەت تىزىملىكىگە مۇشتەرى بولۇپ، بىر مەزگىل يوشۇرۇنۇپ، پەيدىن-پەي ئېلخەت تىزىملىك غەملىكىدىكى 2000 - يىلى 10- ئايدا LibreOffice نىڭ ئەسلى كودى تارقىتىلغاندىن بۇيانقى نۇرغۇن پاراڭ تېمىلىرى بىلەن تونۇشۇڭ. مۇۋاپىق پەيتتە سىزنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغان ئىشىڭىز ئۆزىڭىزنى تونۇشتۇرۇپ مۇنازىرىگە قاتنىشىش. ئەگەر كودى ئوچۇق قۇرۇلۇشقا پىششىق بولسىڭىز، ۋاكالىتەن ئىش بېجىرىش تىزىملىكى http://www.libreoffice.org/develop/ دىن سىز ياردەم قىلىشنى خاھلايدىغان ئىشلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈڭ.
			
ئېلخەتكە مۇشتەرى
----------------------------------------------------------------------

تۆۋەندىكى تور ئادرېسىدا مۇشتەرى بولۇشقا بولىدىغان تۈرلەرنىڭ ئېلخەت تىزىملىكى بار.  http://www.libreoffice.org/contribution/

* خەۋەر: announce@documentfoundation.org *ھەممە ئىشلەتكۈچىگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ* (ئېلخەت سانى ئاز) 
* ئاساسىي ئىشلەتكۈچى تىزىملىكى: user@libreoffice.org *يوشۇرۇن رەۋىشتە مۇنبەرگە قاتنىشىشنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى* (ئېلخەت سانى كۆپ) 
* سېتىقچىلىق قۇرۇلۇشى: marketing@libreoffice.org *يۇمشاق دېتال ئىجادىيىتىدىن باشقا مەسىلىلەر* (ئېلخەت تەدرىجىي كۆپىيىدۇ) 
* ئادەتتىكى ئىجادكارلار تىزىملىكى: libreoffice@lists.freedesktop.org (ئېلخەت سانى كۆپ)
			
بىر ياكى كۆپ قۇرۇلۇشقا قاتنىشىڭ
----------------------------------------------------------------------

سىزنىڭ يۇمشاق دېتال لايىھىلەش ۋە كود يېزىش تەجرىبىڭىز يېتەرلىك بولمىسىمۇ مەنبە كودى ئاشكارا بولغان بۇ مۇھىم قۇرۇلۇشقا ئاساسلىق تۆھپە قوشالايسىز، شۇنداق، سىزمۇ تۆھپە قوشالايسىز!

سىزنىڭ يېڭى LibreOffice 3.3 نى خۇشھال ئىشلىتىشىڭىزنى ، توردا سېپىمىزگە قوشۇلۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

LibreOffice مەھەللىسى
			
----------------------------------------------------------------------
ئىشلەتكەن/ئۆزگەرتكەن مەنبە كودى
----------------------------------------------------------------------

Portions Copyright 1998, 1999 James Clark. Portions Copyright 1996, 1998 Netscape Communications Corporation.